نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 470 قېتىم كۈرۈلدى
چىڭخەي بىلەن شىنجاڭ چېگرىلىنىدىغان رايوندا بىرلەشمە قوراللىق چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -07
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاۋغۇسىت بېيجىڭ خەۋىرى:
چىڭخەيدىكى كۆكشىل دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون، شىنجاڭ ئالتۇن تاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون 5-ئاۋغۇست ئۆلكە، رايون ھالقىغان تۇنجى بىرلەشمە قوراللىق چارلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. بىرلەشمە قوراللىق ئەترىتى چىڭخەي ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرىلىنىدىغان رايوندا تاغنى چارلاش قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. ئىگىلىنىشچە، چىڭخەي بىلەن شىنجاڭ چېگرىلىنىدىغان كۆكشىل، ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قوغدىلىدىغان رايوندا ئوۋ ئوۋلاش، كان قېزىشقا قارىشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسىدا بوشلۇق بولۇپ، ئىلگىرى شىزاڭ بۆكىنى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوغۇرلۇقچە ئوۋلاش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن. 2010-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئالتۇن تاغ، شىزاڭنىڭ چاڭتاڭ يايلىقى، ئۈچ دەريا مەنبەسى ۋە كۆكشىل قاتارلىق تۆت دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون شىنىڭدە « جۇڭگودىكى تۆت چوڭ تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون ھەمكارلىشىش ئەسلەتمىسى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، تۆت چوڭ تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ھەمكارلىشىپ قوغداش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش