نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 676 قېتىم كۈرۈلدى
كىملىك نۇمۇرىڭىزنى سورىغانلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -05
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : نۇر

31-ئىيۇل خۇاڭ ئەپەندىگە ناتونۇش بىرەيلەندىن تېلىفۇن كېلىپ، سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئەۋەتمەكچى بولغانلىقىنى، ۋاقىتىدا كېلىپ ئېلىۋېلىشىنى، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇاڭ ئەپەندى دەرھال تېلىفۇننى قويىۋەتتى. شۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم تېلىفۇن كەلدى، خۇاڭ ئەپەندى تېلىفۇننى ئېلىشىغا :« ئادەم مۇلازىمىتى كېرەك بولسا توققۇزنى بېسىڭ»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. خۇاڭ ئەپەندى شۇنىڭ بىلەن توققۇزنى باستى ھەمدە« سىز نەدە؟ چاقىرىقنامىنىڭ ئىشى نېمە ئىش؟»دەپ سورىدى، قارشى تەرەپ:« بۇ نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، سىزنىڭ بىر چاقىرىقىڭىز بار. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ كېتىڭ»دېدى. خۇاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھېچنېمە قىلمىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن سوتنىڭ چاقىرىق ئەۋەتكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ كىشى كىملىك نۇمۇرىنى دەپ بەرسە، ئېنىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇاڭ ئەپەندى شۇندىلا بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى ۋە:« سىلەر مېنى ئالداۋاتامسىلەر؟»دېدى. قارشى تەرەپ:« ئەپەندىم بىز پاراڭلاشساق تېلىفۇنىڭىزدىن مىنوتىغا 100 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۇتۇلىدۇ، ھازىر تۆت مىنوت پاراڭلاشتۇق»دەپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى.
خۇاڭ ئەپەندى دەرھال مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلىفۇنىغا تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈردى، مۇلازىمەتچى خۇاڭ ئەپەندىگە كەلگەن نۇمۇرنىڭ تېلىگراف، كۆچمە ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ نۇمۇرى بولماستىن، تور ياكىباشقا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۇرۇلغان مەۋھۇم نۇمۇر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلىفۇن قۇبۇل قىلسا ھەقسىز بولغاچقا، خۇاڭ ئەپەندىمدىن پۇل تۇتۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىق قەغىزى ئادەتتە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىكەن. سوت ۋاقتىنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىۋاستە بېرىپ ئۇقتۇرۇلىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئاپتوماتىك تېلىفۇن ئارقىلىق يەتكۈزۈلمەيدىكەن ھەمدە كىملىك نمۇرى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىكەن، شۇڭا ناتونۇش كىشىلەردىن تېلىفۇن كېلىپ، شەخسىي ئۇچۇر سورىغاندا، ئالدىراپ دەپ بەرمەسلىك ياكى « 110»غا تېلىفۇن بېرىپ ەھۋال ئىنكاس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش