چوقۇم بەھرىلىنىدىغان دەم ئېلىش ۋاقتى
ۋاقتى: 2016-02-16
ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش: ئايال خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋالاش ساقلىقنى-ساقلاش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسا (ھامىلىدار بولۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولىدۇ ھەمدە نورمال خىزمەت ۋاقتى دەپ ھېسابلىنىدۇ. (بەزىبىر كارخانىلار ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت ۋاقتىدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاغرىق رۇخسىتى، ئىشتىن قالغان دەپ ھېسابلاپ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان)
تۇغۇتتىن بۇرۇنقى خىزمەت ۋاقتىدا ئارام ئېلىش: ھامىلىدار بولۇپ يەتتە ئايدىن يۇقىرى بولغانلار ھەر كۈنى خىزمەت ۋاقتىدا بىر سائەت ئارام ئېلىشقا بولىدۇ ھەمدە ئىدارە ئورگان كېچىلىك ئىسمېنا ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك.
ئېمىتىش ۋاقتى: بالا بىر ياشقىچە كۈندە ئىككى قېتىم ئېمىتىش ۋاقتى بېرىش، ھەر قېتىملىقى 30 مىنۇت بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.