ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاققا مۇۋاپىق ۋېتامىن تولۇقلاش

بوۋاققا مۇۋاپىق ۋېتامىن تولۇقلاش

ۋاقتى: 2016-02-20 ئاۋاتلىقى: 811 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ۋېتامىن بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بوۋاقتا ۋېتامىن D كەمچىل بولسا راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. ۋېتامىن A كەمچىل بولسا كۆز مۈڭگۈز پەردىسى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا كۆز كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. ۋېتامىن C كەمچىل بولسا بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ۋېتامىن B كەمچىل بولسا نېرۋا، يۈرەك قاتارلىقلاردا كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. ۋېتامىنلارنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارغا توغرا ئۇسۇلدا ۋېتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


بوۋاقلارغا ۋېتامىن تولۇقلاشنىڭ ئىككى مۇھىم يولى:
1. بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش   بوۋاقلار ئېھتىياجلىق بولغان ۋېتامىنلارنىڭ مۇھىم مەنبەسىنىڭ بىرى ئانا سۈتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋىقىنى ئانا سۈتى بىلەن باقىدىغان ئانىلار، ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۆزى ئۈچۈن، بوۋىقى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى كېرەك.
ئانىلارنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇقى چوقۇم گۈرۈچ ياكى ئۇن تائاملىرى بولۇشى ھاجەت ئەمەس، يەنە يىرىك ئاشلىقنىمۇ مۇۋاپىق قوشۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك، شۇ ئارقىلىق سۈت تەركىبىدىكى ۋېتامىن Bنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.



ئانىلار كۈندە سۈت ئىچىپ تۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭ سۈت مىقدارىنى كۆپەيتىش ۋە سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىسى بار. ئانىلار يەنە كۆپرەك مېۋە-چىۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، كەرەپشە، پالەك، سەۋزە قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپرەك شورپا ئىچىشى كېرەك، مەسىلەن، توخۇ شورپىسى، بېلىق شورپىسى، قوۋۇرغا شورپىسى قاتارلىقلار.
ئانىلار يېمەكلىككە دىققەت قىلىشتىن باشقا، يەنە ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش كېرەك، ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، لازا قاتارلىق غىدىقلاش خاراكتېردىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كەيپىياتىنى چوقۇم خوشال تۇتۇشى كېرەك.
2. بوۋاقلارغا ۋېتامىن تولۇقلايدىغان دورىلارنى ۋە ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈش   ئانا سۈتىدىن باشقا يېمەكلىك بىلەن بېقىلىدىغان، ياكى ئانا سۈتىگە قوشۇپ باشقا يېمەكلىك بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا ۋاقتىدا ۋېتامىن تولۇقلايدىغان دورىلارنى، ياكى تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك، شۇنىڭ ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ ۋېتامىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.



ۋېتامىن تولۇقلاشتا بېلىق مېيىغا ئوخشاش ۋېتامىن تولۇقلايدىغان دورىلار، تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلاردىن تەييارلانغان مېۋە شەربەتلىرى، كۆكتات شەربەتلىرى، يەنە بېلىق تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم تۈرىدىكىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق تەتقىقات تەھلىلىدە مۇنداق دەيدۇ: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئارىسىدا ئوچۇق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ مول، سېرىق رەڭلىكلىرىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا، ئاق رەڭلىكلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. ئوخشاش رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدىمۇ، رەڭگى قېنىق بولغانلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، يۇمران سەي غولىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوپۇرمىقىدىن نەچچە ھەسسە ناچار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتات شەربىتى تەييارلىغاندا، كۆكتاتلارنىڭ يېڭى يوپۇرمىقىنى تاللاش كېرەك، ئۇنىڭ غولىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. مېۋە شەربىتى تەييارلىغاندا، يېڭى مېۋىلەرنى تاللاش كېرەك، مېۋە شىرنىسىنى چوقۇم سۈزۈش كېرەك، ئۇنىڭغا ئازراق ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ ئاندىن بوۋاققا ئىچكۈزۈش كېرەك.
لېكىن ۋېتامىننى قانچە كۆپ تولۇقلىسا، بەدەنگە شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش توغرا ئەمەس، چوقۇم ۋېتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئېشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بوۋىقىغا قالايمىقان ۋېتامىن دورىلىرىنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك. بوۋاقنىڭ بەدەن ئەھۋالى ياخشى بولسا، يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىسىلا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى