ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ بېلىق مېيى يېيىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

بالىلارنىڭ بېلىق مېيى يېيىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 1207 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىلارنىڭ بېلىق مېيى يېيىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

بېلىق مېيىنىڭ رولى

تار مەنىدىكى بېلىق مېيى دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ جىگىرىدىن ئىشلەنگەن ماي، كەڭ مەنىدىكى بېلىق مېيى بولسا، كىت، دېڭىز يىلپىزى قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ جىگىرىنىڭ مېيى بولۇپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا سۈزۈك سېرىق سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئازراق بېلىقنىڭ پۇرىقى بولىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تويۇنماسلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ماي كىسلاتاسى گىلىتسىرىندىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردا فوسفاتىد ۋە سوپۇنلاشمايدىغان ماددا بار. ترېسكا بېلىقى، ياۋروپا چوڭ كامبالا بېلىقى قاتارلىقلار بولسا خەلقئارادا بېلىق مېيىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەنئەنىۋى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگودا ئاساسلىقى ئاكۇلا، سىكات بېلىقى، سېرىق گوربىل بېلىقى، كۆك دۈمبىلىك مۇكا بېلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ.
بېلىق مېيىدىكى ئاساسلىق تەركىب بولسا،مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن A، D.

ۋىتامىنAنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا، ئورگانىزىمنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، كۆپىيىشىنى، كۆرۈش سېزىمىنى، ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەمدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىممۇنىتېتىنى قامدايدۇ. ۋىتامىن A كەمچىل بولسا بالىلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ، چىش مىلىك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ چىش ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۈستۈنكى تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بۇزىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئاسانلا نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش يولىدىكى ھەرخىل يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن A  ئاساسلىقى ھايۋاناتلار جىگىرى، بولۇپمۇ بېلىق جىگىرىدە ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا،سۈت تۈرىدىكى تۇخۇم تۈرىدىكىلەردىمۇ ساقلانغان. يەنە بىر خىلى بولسا كاروتىنلار شەكلىدە سەي-كۆكتاتلاردا ساقلانغان، مەسىلەن، سەۋزە، چەيزە، ماش تۈرىدىكىلەر ۋە يېشىل كۆكتاتلاردا ساقلانغان، جىگەردە كاروتىنلار ۋىتامىن Aغا ئۆزگىرىدۇ.

ۋىتامىن D ئاساسلىقى ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرىدە ساقلانغان، بولۇپمۇ دېڭىز بېلىقىنىڭ جىگىرىدە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى كۈن نۇرىغا قاقلانغاندىن كېيىن ۋىتامىن Dنى سۈمۈرىدۇ. تېرىدە 7- ھېدروسىزلانغان خولىستىرىن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە،ۋىتامىن Dغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا بېلىق مېيى بالىلار ۋىتامىن A،Dنىڭ بىردىن بىر كېلىش مەنبەسى ئەمەس .

بېلىق مېيىنى قانداق ۋاقىتتا يىسە ئەڭ ياخشى؟

بالىغا قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ بېلىق مېيى يىگۈزسە بولىدۇ؟ ئادەتتە، بالىغا كىچىكىدىن باشلاپلا بېلىق مېيى يېگۈزسە بولىدۇ. تۇغۇلۇپ 3~4 ھەپتىدىن كېيىن قويۇقلۇقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، ھەر كۈنى بىر تېمىم، تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك، بىراق ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 تېمىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئەگەر بالدۇر تۇغۇلغان، قوشماق تۇغۇلغان، ھەمدە ھەزىم يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان يېڭى تۇغۇلغان بالىلار بولسا، تۇغۇلۇپ 2 ھەپتىدىن كېيىن بېلىق مېيى بېرىشكە باشلىسا بولىدۇ، ھەر كۈنلۈكى 5~7 تېمىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بىر ئايدىن كېيىن ھەر كۈنلىكىنى 3~5 تېمىمىغىچە ئۆزگەرتسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي ئىچۈرۈش، ھەر كۈنى  0.5 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بېلىق مېيىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا،بالىنىڭ چوڭ تەرىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك،،ئەگەر ھەزىم ناچارلىشىش كۆرۈلسە،بېلىق مېيىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بالا كۆنۈۋالغاندىن كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك.

ئادەتتە بالا بىر يېرىم ياش ياكى ئىككى ياشقا توشقاندا بېلىق مېيى يېسە بولىدۇ.

دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە،بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ھەرخىل ئوزۇقلۇققا بولغان ئېتىياجى ئاشىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا بايقاپ تولۇقلىمىغاندا ئاسانلا تەمىنلىيەلمەسلىك كېلىپ چىقىپ، بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى ياشتىن كېيىن بالىنىڭ سىرتقى پائالىيىتى كۆپىيىدۇ، كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاشىدۇ، كۈن نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تېرە ئاستىدا ھىدروسىزلانغان خولىستىرىننى ۋىتامىن Dغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە،بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن بېلىق مېيى ۋە كالتسىينى يېمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى