سەككىز ياشلىق بالا تاپشۇرۇق سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
ۋاقتى: 2016-03-15
ئاۋاتلىقى: 1202 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سەككىز ياشلىق بالا تاپشۇرۇق سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
1-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى تاپشۇرق ئىشلەشكە زورلىغانلىقى سەۋەبلىك، ئەننىڭ جۇڭخەي زەپەر دەرۋازىسى ئولتۇراق رايونىدىكى سەككىز ياشلىق ئوغۇل بالا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، نۆۋەتتە ئەننىڭ ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان كىشىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ئۇ بالا تاپشۇرۇق سەۋەبلىك ئانىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ سىرتقا چىقمىغان. ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە ئۆيىدىن چىقمىغانلىقىنى بايقاپ، بالىسىنى چاقىرغان بولسىمۇ سادا چىقمىغان، ئاخىرى ئىشىكنى چېقىپ كىرىپ بالىسىنىڭ يەردە ياتقىنىنى كۆرگەن ۋە يېقىن ئەتراپتىكى چاڭفېڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بالىنىڭ ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەنلىكىنى بىلگەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بالىنىڭ چوڭ دادىسى ۋە تۇغقانلىرى دوختۇرخانىغا كەلگەن ۋە كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان. ئەننىڭ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى مۇخبىرغا، كونكرېت ئۆلۈش سەۋەبىگە بالىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى چىققاندىن كېيىن، ئاندىن يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ، دېگەن.
مەنبە: TV بازار سالونى
مەنبە: TV بازار سالونى
Tags: