مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(8)
ۋاقتى: 2016-08-02
ئاۋاتلىقى: 1406 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۆگىنىش جەھەتتە
1. بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇڭ، بالىڭىز كىتاب ئوقۇۋاتقاندا سىز بىر تەرەپتە گېزىت كۆرسىڭىز بولىدۇ، ياخشى بىر ئۆگىنىش ھەمراھى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
2. بالىڭىز ئۆگىنىش قىلغاندا، ھەرگىز كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى پائالىيەتلەرنى قىلماڭ. بالىغا ئازادە بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
3. بالىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە زورلىماڭ.
4. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇنى تىللىماڭ.
5. بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى نومۇرنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىنلا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى يوق دەپ ئۈمىدسىزلەنمەڭ.
6. بالىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بېرىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىڭ، مەسىلەن، قەدىمكى زامان شېئىرلىرى، سان، ھېكايە، ئائىلە ئىشلىرى، ئويۇن ئويناش، دوست تۇتۇش...
7. بالىڭىزغا كىتابنى ياخشى ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىڭ.
8. بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدىغىنىڭىزنى بالىڭىزغا بەك بىلدۈرۈپ كەتمەڭ، بۇنداق بولغاندا بالىدا ئۆگىنىش جىددىيلىكى پەيدا قىلىپ، بېسىم ھېس قىلىپ قالىدۇ.
9. بالىنىڭ نەتىجىسىنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ، نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىش سەۋەبىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار-يوقلۇقىنى ئويلاڭ.
بالىڭىزنىڭ ھۇجرىسىدا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈستىلى، ئۈستەل ئۈستىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابى بولسۇن، مەسىلەن: « ئېزوپ مەسەللىرى» ، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» قاتارلىقلار.
تەھرىر تەۋسىيەسى: