تۆتىنچى ھامىلە تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇشنى مەشق قىلىش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-03-06
ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۆتىنچى ھامىلە تەربىيەسىدە كىتاب ئوقۇشنى مەشق قىلىش ئۇسۇلى
ئۆزىڭىز ئەھمىيەتلىك،كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ دەپ قارىغان بالىلار ھېكايىسى، بالىلار قوشىقى، بالىلار شېئېرى، ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژ، شەيئىي، ھادىسىلەرنى تەپسىلىي، ئېنىق تەسۋىرلەڭ، مەسىلەن: قۇياشنىڭ رەڭگى، ئۆينىڭ شەكلى، باش پېرسوناژنىڭ كىيگەن كىيمى قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھامىلىنى ھېكايىدە سۆزلىنىۋاتقان دۇنياغا ئېلىپ كىرىڭ. زوراۋانلىق تېما قىلىنغان، ھەددىدىن زىيادە قايناق ھېسىيات، قايغۇ ـ ھەسرەت تەسۋىرلەنگەن ھېكايىدىن ساقلىنىڭ، ھېكايە مەزمۇنىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، ھەر كۈنلۈك ھېكايە ئېيتىش ۋاقتىنى بەلگىلەڭ، ئەڭ ياخشىسى ئەر ـ ئايال ھەركۈنى نۆۋەتلىشىپ ئوقۇڭلار، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھامىلە بىلەن ئۆزئارا ئالاقە باغلاڭ.