ئۆرە تۇرۇش بوۋاقلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار تۇرالايدىغان بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ پۇت قىسمىدىكى سۆڭەكلەردىن مەسىلە چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
بوۋىقىنىڭ پۇتىنىڭ ئىچ مايماق، تاش مايماق، تۆگە تاپان قاتارلىق غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىلەر ئۆرە تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئەمەس. بەلكى بوۋاقلارنىڭ ئىندىۋىدلىق پەرقىگە ۋە ياكى راخت كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يول مېڭىشنى ئۆگىنىشى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
بۇ خىل مەسىلىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن:كۆپ ساندىكى 0شەكىللىك پۇتلۇق بالىلار 1. 5~2. 5ياشقىچە تەدرىجىي ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بىراق بەزى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. ئەگەر بوۋاق 3ياشتىن ئاشقاندىمۇ ئوڭشالمىسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ھالىتىگە تەۋەمۇ ئەمەسمۇ، داۋالىتىش كېرەكمۇ-يوق قاتارلىقلارنى ئېنىقلىۋېلىش كېرەك.