تەكشۈرتسەم ھامىلىنىڭ ئورنى توغرا ئەمەس ئىكەن، قانداق قىلىمەن؟
ۋاقتى: 2014-02-16
ئاۋاتلىقى: 473 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جاۋاب: ھېچۋەقەسى يوق، ھامىلىنىڭ ئورنىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە ھامىلە 7 ئايلىق بولغاندىن كېيىن ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ھازىر ھامىلە بىر قەدەر كىچىك، بالىياتقۇ بوشلۇقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا ھامىلە باش سۈيىنىڭ لەيلىتىش كۈچى تەسىرىدە ئەركىن ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئەنسىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.