ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى A تىپلىق ھامىلە ئاقسىلىنىڭ مىقدارى 40.88 بولۇپ، ↑بەلگىسى كۆرسىتىلگەن بولسا بۇ نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدۇ؟
ۋاقتى: 2016-11-05
ئاۋاتلىقى: 696 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
A تىپلىق ھامىلە ئاقسىلى(AFP)ئاساسلىقى ھامىلىنىڭ جىگىرىدە ھاسىل بولىدۇ. مولىكۇلا ئېغىرلىقى 69000 بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسى AFP قان پلازمىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بارا-بارا تۆۋەنلەيدۇ. بالا تۇغۇلغاندا قان پلازمىسىدىكى مىقدارىنى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتتىكى مىقدارىنىڭ %1ئەتراپىدا بولىدۇ، تەخمىنەن mg/L40 بولىدۇ. يېشىغا تەگكەندە چوڭ ئادەملەرنىڭ قان پلازمىسىدىكى A تىپلىق ھامىلە ئاقسىلىنىڭ مىقدارىغا يېقىنلىشىدۇ (30 مىكروگرامدىن تۆۋەن بولىدۇ).
Tags: