بانان بەرەڭگە بوتقىسى
ۋاقتى: 2016-03-21
ئاۋاتلىقى: 516 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: بەش ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بىر تال بانان، بىر تال بەرەڭگە
تەييارلاش ئۇسۇلى: باناننى شۆپىكىدىن ئاجرىتىپ، قوشۇق بىلەن ئېزىمىز، بەرەڭگىنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيۇپ، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز، ئاندىن يۇمشاق پىشقان بەرەڭگىنى قوشۇق بىلەن ئېزىپ، لاي ھالەتكە ئەكىلىپ سوۋۇتىمىز. ئاخىرىدا ئېزىلگەن بانان بىلەن بەرەڭگىنى ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: بانان-بەرەڭگە بوتقىسىنىڭ تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى بولۇپ، بوۋاقنىڭ قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
Tags: