ئانا سۈتىنى سېغىش ماھارىتى
يانفوندا كۆرۈش
سۈت سېغىش سىگنالى: يېڭى ئانا بولغانلارنىڭ كۆكسى بەك چىڭىپ بالىنىڭ سۈمۈرۈشىگە تەسىر قىلغان ۋاقىتتا، بىر ئاز سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋىتىپ، ئەمچەك ھالقىسىنى بوشىتىپ، بالىنىڭ ئەمچەك ھالقىسىغا توغرا يېتەلىشىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىش. يېڭى ئانا بولغانلار ئەمچەك توپچىسى ئاغرىپ ۋاقتىنچە ئېمىتىشكە ئامال بولمىغاندا، ئانا سۈتىنى سېغىپ چىقىرىش، بۇنداق بولغاندا ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ھەمدە بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىقىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغاندا سۈمۈرۈش كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئەگەر ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسا بالغا سۈتنى سېغىپ ئىچكۈزۈش كېرەك. بالىنىڭ ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولغاندا، ئاي كۈنى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقلار، ياكى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولىمغان بوۋاقلارغا ئانا سۈتى سېغىپ ئىچكۈزۈلۈشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاماق مىقدارى بىر قەدەر ئاز ، ئانىنىڭ سۈت مىقدارى كۆپ ئاجرىلىپ چىققاچقا، بۇ ۋاقىتتىكى ئارتۇقچە سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋىتىش كېرەك، نورمال سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا شارائىت يارىتىشلازىم.