دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇش ئالدىدا نېمىلەرنى تەييارلاش كېرەك؟
ۋاقتى: 2015-11-30
ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشنى كۈتۈپ تۇرغان ئانىلار ئادەتتە ئۇ يەردە ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ كۈن ساقلايدۇ. بۇ ۋاقىت گەرچە ئانچە ئۇزۇن ھېسابلانمىسىمۇ، تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز:
CD پلاستىنكىسى، كىتاب ـــــ تولغاق تۇتقان ۋاقىتتا دىققەتنى بۇراشقا پايدىلىق.
رەسىم ئاپپاراتى، سىنئالغۇ ـــــ ئانىنىڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت خاتىرىلەپ، بۇ مۇھىم پەيتلەرنى خاتىرىگە ئېلىشقا ۋە تەقەززا بولۇپ تۇرغان ئۇرۇغ-تۇققان، دوستلارنى ئانىنىڭ ھالىتىدىن خەۋەردار قىلىشقا ئەسقاتىدۇ.
پاختىلىق ساپما كەش ـــــ قولايلىك ھەم ئىسسىق ساقلايدۇ.
قەغەز ئىچ كىيىم ـــــ دوختۇرخانىدا ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ۋە يۇيۇش بىئەپ بولغانلىقتىن، بىرلا قېتىم كىيىلىدىغان ئىچ كىيىم ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
شەخسىي تازىلىق بويۇملىرى ۋە قاچا-قۇچا
ئېمىتىشكە قولايلىق ئىچ كىيىم.
قېلىن پايپاق ــــ ئىسسىق ساقلاشقا پايدىلىق.
مۇنچا لۆڭگىسى ـــــ سىزنى راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ.
2-3 دانە ياستۇق ـــــ بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېمىتكەندە ياستۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئېمىتىش كۆپ راھەت.
سۈت سۈمۈرگۈچ
سۈت ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان كۆكسى تەگلىكى ــــــ سۈتنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تېلېفون كارتىسى، تەڭگە پۇل ــــ نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا يانفون ئىشلىتىش چەكلەنگەن بولغانلىقتىن، ئالاقىدە مۇشۇلارغا تاينىشقا توغرا كېلىدۇ.
چوڭ ھەيز قەغىزى ـــــ تۇغۇتتىن كېيىنكى نىپاس خۇننىڭ مىقدارى ھەيز مىقدارىدىن كۆپرەك بولغاچقا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ئىشلەنگەن ياكى ئۇزۇنلۇقى ئاشۇرۇلغان ھەيز قەغىزىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
ئۇخلاش كىيىمى ـــــ راھەت بولۇشى لازىم.
چاپان ـــــ بىرەر يېپىنچىنى ئارتۇق ئېلىۋېلىش، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
قارا شېكەر.
شاكىلات
چوڭ ئوراملىق تازىلىق قەغىزى
بوۋاقلار كىيىمى
كىچىك پالاس
ئىستاكان
سۈت پاراشوكى
ئېمىزگە بوتۇلكا
قەغەز زاكا