ھامىلىدار بولالماسلىقنى بەزىدە ئاياللار ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
يانفوندا كۆرۈش
قىسقا ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش: بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى كۆپ قىلدۇرغاندا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ، ھەيز توختاش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بېسىم ئارتىپ كېتىش: خىزمەت بېسىمى نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ تۇخۇمداننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش: بەدەندە مۇۋاپىق ماينىڭ بولۇشى كۆپىيىش سىستېمىسى ئۈچۈن مۇھىم. قارىغۇلارچە ئورۇقلاش ياكى ھەددىدىن زىيادە ئورۇق بولغاندا ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەنلەپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
كېچىكىپ تۇغۇش: 35 ياشتىن ئاشقاندا تۇخۇمنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا كېچىكىپ تۇغۇشمۇ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.