ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 739 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) يودنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش 
بۇ مەزگىلدە تەركىبىدە يود مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئانا تېنىدىكى يېتەرلىك بولغان تىروكسىنغا تايىنىدۇ. تىروكسىن چوڭ مېڭە ۋە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ماتېرىيالدۇر. يود يېتىشمىگەن ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى ناچار بولۇش، بويى پاكار بولۇپ قېلىش ھەتتا كرېتىنىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار كۈندە 0.115 مىللىگرام ئەتراپىدا يود تولۇقلىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىش كېرەك. 

2) ئائىلىدە ئېرسىي كېسەللىك ئەھۋالى بولسا تەكشۈرتۈش 
35تىن ئاشقانلار ھامىلىدار بولغاندا، بولۇپمۇ ئائىلىدە ئېرسىي كېسەللىك تارىخى بولسا، باش سۈيى پەردىسىنى تېشىپ تەكشۈرتۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەك، ھامىلىدە تۇغما غەيرىيلىك كېسەللىكلەر ياكى ئېرسىي كېسەللىكلەر بار-يوقلۇقىغا دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ 10~12-ھەپتىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بەزى ھامىلىدىكى تۇغما كەمتۈكلۈك كېسەللىكلىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ. 
3) كۆكسىدىكى ئۆزگىرىشلەر 
ئانا بولغۇچىنىڭ كۆكسى داۋاملىق يوغىنايدۇ، ئەمچەك دېغىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، كىچىك مۇنەكلەر چىقىدۇ. كۆكسىنىڭ تېرىسىدىن كۆك تومۇرلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ، بولۇپمۇ ئەمچەكنىڭ ئاستى قىسمىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىقنىڭ نورمال بولغان ئىپادىلىرى. ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن باغىرداقلارنى تاقاش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭ بىلەن چوڭىيىۋاتقان ئەمچەك توقۇلمىلىرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
4) ھامىلىدار ئاياللار يۇيۇنغاندا، كۈچەپ ئىشقىلاپ(تاتلاپ) يۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
بەزى ئاياللار يۇيۇنغاندا، دائىم كۈچەپ ئىشقىلاپ يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىشقىلاپ تېرىسىنى قىزارتىۋېتىدۇ، ھەتتا تېرە ئاستى قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئادەت توغرا ئەمەس، بولۇپمۇ ئەمچەك ئەتراپىنى بۇنداق يۇيۇشقا بولمايدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، سۈت بېزى توقۇلمىلىرى تېز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ، چوقۇم ئەمچەكنى ئاسراش كېرەك. ئەمچەك توپچىسىنىمۇ كۈچەپ يۇماسلىق كېرەك. ئەمچەك ئېغىزىنى كۈچەپ سۈرتۈپ يۇماسلىق كېرەك، بولمسا ئېمىتىش مەزگىلىدە سۈت تامچىلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى