ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرتۈشتىكى قوش بىسلىق خەنجەر(1)

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرتۈشتىكى قوش بىسلىق خەنجەر(1)

ۋاقتى: 2016-03-27 ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

Xنۇرى
Xنۇرى بولسا بىرخىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلىكتىر ماگنىت دولقۇنى. ئۇ ئادەمنىڭ بەدەن توقۇلمىلىرىدىن ئۆتۈپ، بەدەن سۇيۇقلىقى ۋە تۇقۇلما ھۈجەيرىلىرىدە فىزىكىلىق ۋە بىيو-خىمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان Xنۇرىنىڭ ھەرقېتىم ئادەم بەدىنىگە چۈشكەن نۇرى ناھايىتى ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى ۋە خروموسوملارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، بەدەنگە چۈشكەن Xنۇرى يىغىلىپ مەلۇم مىقدارغا بارغاندا، ھامىلە شەكلىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىشى ۋە راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ھامىلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى، ھامىلىدار ئايال پەقەت 42~60راد Xنۇرى رادىئاكسىيىسى قوبۇل قىلسا، ھامىلە گېنىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، ياكى خروموسوملاردا بۆلۈنۈش يۈز بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھامىلىنىڭ غەيرى شەكىللىك بولۇپ قېلىشى ھەتتا ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۆپ ساندىكى ئەزالىرى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ گەرچە ھامىلىگە بولغان خەۋپى ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھامىلىنىڭ جىنسىي بەز، چىش ۋە مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىركۆرسىتىدۇ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن  ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھامىلە Xنۇرى بىلەن تەكشۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ 10ياش ئىچىدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ۋە قان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك خەتىرى بار ئىكەن.
ھامىلىدار ئاياللاردىن باشقا، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈتۈش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، شۇنداقلا بەلكىم ئۇرۇقلىنىپ ھامىلىدار بولۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇۋاقىتتا Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلسا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى ياكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھازىر بەزى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ئېنىق قارار چىقىرىپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قىلغاندا چوقۇم ھەيزدىن كېيىنكى 10كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ بېكىتتى.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى