يانفوندا كۆرۈش
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش ئۇسۇلى: ئۈچ قېتىم ئىممۇنىتېتلاش، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئوكۇل ئۇرۇش، كېيىن يەنە بىر تال كۈچەيتىش ئوكۇلى ئۇرۇلسىلا كۇپايە. ۋاكسىنا ئۇرۇلىدىغان ئىككى مۇھىم توپ بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىدە Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بولمىسا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال گېن قۇرۇلىشى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىدىن بىر تالنى مۇسكۇلدىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش. ئوكۇل قىلىش ئورنى يۇقىرىقى بىلەك ئۈچ باشلىق مۇسكۇلى ‹بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئوكۇل قىلىش ئورنى ئوخشاش›، بىر ئايدىن كېيىن يەنە بىر تال، ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە بىر تال، جەمئىي 3 تال ئوكۇل ئۇرۇلىدۇ. بۇ خىل لاھىيە 0، 1، 6 لاھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ھەقسىز ئەملەش يولغا قويۇلدى، بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىنىش ئارقىلىق كېيىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن يەسلىگە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن بەدەندە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتېتىللاسىنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ، ئەگەر ئانتېتىللا شەكىللەنمىگەن بولمىسا يەنە بىر تال كۈچەيتىش ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ.