راك-سەي مانتىسى
ۋاقتى: 2016-09-08
ئاۋاتلىقى: 790 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلار: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكتىن بەش گرام، يازلىق يېسىۋىلەكتىن 50 گرام، بىر تال تۇخۇم، ئۇن، ئاز مىقداردا تەم تەڭشىگۈچ
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىلمان سۇدا قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى پاكىز يۇيۇپ، چىلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن ئۇششاق چانايمىز، ئۈستىگە ئالدىن مايدا قورۇۋېلىنغان تۇخۇمنى سالىمىز. يازلىق يېسىۋىلەكنى پاكىز يۇيۇپ، قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ چانايمىز ۋە راك ۋە تۇخۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ، تەم تەڭشىگۈچلەرنى سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. ئۇننى يۇغۇرۇپ جىلتا ئاچىمىز، ئاخىرىدا كىچىك پۈرمىلىك مانتا تۈگۈپ، قاسقاندا دۈملەپ پۇشۇرىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك تەركىبىدە مول مىقداردا كالتىسىي، فوسفور بار. يازلىق يېسىۋىلەكنى قايناقسۇغا بېسىۋەتكەندە، تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئوكسالات كىسلاتاسى(草酸) ۋە فىتالات كىسلاتاسى(植酸) نى چىقىرىپ تاشلاپ، كالتىسىينىڭ ئۈچەي يولىدا سۈمۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇخۇمنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئەسكەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق، 10 ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار بۇنداق تەملىك مانتىنى چوقۇم ياقتۇرۇپ يەيدۇ.