گۈزەللىك ئەگرى سىزىقى ۋە ئەقىللىق بوۋاققا ھامىلىدار بولۇش
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 782 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گۈزەللىك ئەگرى سىزىقى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساغرىسى تولغان بىلى ئىنچىكە ئاياللار «ئالما شەكىللىك» ياكى ئاستى-ئۈستى ئوخشاش توم بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ئەقىللىك بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ئەقىللىك بولىدىكەن.
ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى 16 تۈمەن ئايالنىڭ بەدەن تۈزۈلۈش سان-سىفىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تۇنۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە بەل ئايلانمىسى بىلەن ساغرا ئايلانما نىسبىتى 0.6-0.7 ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ سىناقتىكى نەتىجىسى بىر قەدەر يوقىرى بولغان، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سىناق نەتىجىسىمۇ يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلار ئانالىز قىلىشىچە، ساغرا بىلەن يوتىدىكى ماي ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى (欧米伽3脂肪酸)نىڭ بىرقەدەر كۆپ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى ھامىلىدارلىق ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەل قىسمىدىكى ياغلار ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى (欧米伽6脂肪酸)نىڭ مىقدارىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ماس كەلمەيدۇ.