ئامېرىكلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(15)
ۋاقتى: 2015-10-09
ئاۋاتلىقى: 613 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
15. ئۇسۇل: ئالدىرىماي يول مېڭىش، تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىش
ئاتاـ ئانىلار بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بالىلارغا ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇرۇن شاڭخەيدە بىر لۇ فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىغا ئۇچرىغان ئىدىم، ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاستاپ مېڭىش، تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىش توغرىسىدا تەلىم بىرىدىكەندۇق. بۇنداق تەلىم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋەتىنىمىزدە بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ. ۋەتەنگە قايتىپ قىزىمنى مەھەلىمىزدىكى يەسلىگە ئاپارغىنىمدا، يەسلى مۇئەللىملىرىنىڭ بالىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرتىپ ناخشا ئېيتقۇزۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىم. ئاران تەستە مۇلايىم قىلىپ تەربىيلىگەن قىزىم ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئېچىندىم، ھەقىقەتەنمۇ قىزىمنىڭ مۇلايىم تەرىپى ئاستا ئاستا يوقاپ كەتتى.