يانفوندا كۆرۈش
ھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى گۈل غۇنچىلىرىدىن يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك . ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، «كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا»، «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنغان قىممەتلىك سوۋغىسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىراق تېببىي ئالىملار ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلار كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى، ھەسەل ئاسانلا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن بۇلغىنىدۇ، مۇبادا بۇ خىل باكتېرىيە ھەسەل ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلسە توكسىن قويۇپ بېرىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ھەسەلنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا زەھەرلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ . بىراق، بوۋاقلارنىڭ تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە ھەر ۋاقىت كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلاردىكى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بوۋاقلارنىڭ ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن .