تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەيز قانداق ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ؟
ۋاقتى: 2015-05-01
ئاۋاتلىقى: 682 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال بالىسىنى ئېمىتمىسە، تەخمىنەن 8-6 ھەپتىدىلا ھەيز كۆرۈلىدۇ، بىراق تۇغۇتتىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق ھەيز مىقدارى مۇقىم بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ كۆپ، بەزىلەرنىڭ بەك ئاز بولىدۇ. بالا ئېمىتىدىغان تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بولسا كېچىكىپرەك كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بەزى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھەتتا تۇغۇتتىن كېيىنكى 18-ھەپتىدە ئاران كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بالا ئېمىتىش بەدەندىكى سۈت ئاجرىتىش ھورمونىنى يۇقىرىلىتىپ، تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى توسىدۇ، شۇڭا ھەيز كۆرۈلمەيدۇ. بىراق بۇ خىل ئەھۋال ھەممە ئادەمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەگەر قانۇنىيەتلىك بالا ئېمىتىپ ھەيز كەلمىسە بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر بالا ئېمىتمەي، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەيز كۆرۈلۈش نورمال، تۇغۇتتىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەيز كەلمىسە، ئەڭ ياخشىسى تۇغۇت بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.