ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى
ۋاقتى: 2016-06-03
ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى
كىچىك مودىل ئاشخانا : دوخوپكا، ئوچاق، قازان قاتارلىق ھەممە نىمىسى تەل بولغان كىچىك ئاشخانا ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشچانلىقىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مارجان: ئۇلارنى بالىلارغا تىزدۇرۇش كېرەك.
كەسكىلى قاتلىغىلى بولىدىغان قەغەز ۋە بىسى يوق قايچا ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەغەز قىيىش ۋە قەغەز قاتلاشنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەم يۇمشاق قەغەز ۋە لۆڭگە ئارقىلىق ئوخشىمىغان شەكىلدە قاتلاشنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك.
سېغىز توپا: بالىلارنىڭ ئۇنى مىجىپ ، تارتىپ ، تولغاپ، يانجىپ تەسەۋۋۇرىدىكى ھەر خىل شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول قويۇش.
رەسىملىك كارتا تۈرىدىكى ئويۇنچۇقلار: ھەرخىل رەسىملىك كارتا، كىچىك كىتاب، ئوخشىشىنى تاپىدىغان كارتىلار ۋە چېكىتنى ساناپ ئوينايدىغان كارتىلار ۋە سىتىئرىئومىتىريىلىك ئالبوم قاتارلىقلار.
ھەرخىل قۇراشتۇرما ئويۇنچۇقلار: كۇبىك، رەسىم قۇراشتۇرۇش تاختىسى، سۇلياۋ قىستۇرما كارتىلارۋە ئويۇنچۇقلار.
ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ شەكلىدىكى ئويۇنچۇقلار : مەسىلەن يولۋاس ، مۈشۈكئىيىق ، ئىت ۋە ئۆردەك قاتارلىقلار
ھەر خىل ئويۇنچۇق قاتناش قوراللىرى : مەسىلەن ماشىنا، ئايرۇپىلان، پاراخۇت، موتسىكلىت قاتارلىقلار .
ھەرخىل قونچاقلار ۋە لاىمەتلىكلىرى : مەسىلەن قونچاقلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى، كىچىك ئۈستەل، ئورۇندۇق، تېلىفۇن، كىچىك ۋاسكىتبول قاتارلىقلار.
كاۋچۇك لاي : تاللىغاندا زەھەرسىز ، ھەرخىل رەڭدىكى كاۋچۇكنى تاللاپ بالىغا ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىشنى ئۆگختىپ ئۇنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇڭ.