ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە ساقلىق ساقلاش
ۋاقتى: 2016-07-06
ئاۋاتلىقى: 547 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەرزەنتلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئاندىن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىشىشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭشىلىشىگە دىققەت قىلىشى ۋە بەزى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى، بىللە بولۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئازايتىشى ۋە بىللە بولغان ۋاقىتتىكى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشى، تەننىڭ ساغلام، روھىي كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، يۇقىرى سۈپەتنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئاساسىي تەرەپلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.