يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىگە كىرگەندە، تۆرەلمە بىخى تېز سۈرئەتتە يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمە بىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى 0.6 سانتىمېتىر، پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ. تۆرەلمىنىڭ يۈز قىسىمىدا كىچىك قارا چېكىتلەر بولىدۇ، بۇ دەل بوۋىقىڭىزنىڭ كۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىزناسىدۇر. كىچىككىنە تۆشۈك بولسا بۇرۇن، ئېگىز-پەس بولغان يەر كېيىن يېتىلىپ قۇلاققا ئايلىنىدۇ. بوۋىقىڭىزنىڭ قول ۋە پۇتىغا ئايلىنىدىغان قىسىملارمۇ بۇ ۋاقىتتا گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ، ئەڭ مۇھىمى تۆرەلمىنىڭ يۈرەك قىسىمى بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن مىنۇتىغا 150 قېتىمدىن سوقىۋاتقان بولىدۇ، بۇ چوڭلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر. بىراق، سىز تېخى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالمايسىز. ئادەتتە 6-ھەپتىگە قەدەم قويغاندا تۆرەلمە كىچىككىنە مىدىرلاپ ئايلىنىدۇ، لېكىن سىز بۇنداق كىچىك ھەرىكەتنى ھېس قىلالمايسىز. تۆرەلمە يېتىلىپ ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ئېيىغا بارغاندا ئاندىن ھامىلىنىڭ قورساقتا مىدىراۋاتقىنىنى ھېس قىلالىغۇدەك بولىسىز.