گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى
ۋاقتى: 2016-02-11
ئاۋاتلىقى: 3166 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گۈزەل قىزنىڭ خاتا يوللاپ قويغان بىر ئۇچۇرى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالدى
ئوغۇل دوستى بىلەن گەپ تەگىشىپ قالغان بىر قىز بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپ يىگىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ.
"سىزنى بەك سېغىندىم" دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ خاتا يوللاپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ ۋە دەرھال يەنە بىر قېتىم يوللاپتۇ بۇ قېتىم ئۇ توغرا يوللىغان ئىدى.
-ئاپا بۇ ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ قاپسىزغۇ؟
_جېنىم قىزىم سىزگە يۇرتتىن يوتقان كۆرپە ئېتىپ دادىڭىزدىن ماڭدۇرۋەتتىم، ئەمدى كەچلىرى يوتقاننى چىڭراق يېپىنىپ يېتىڭ، ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالدى.
-يەنە تاماقنى ۋاقتى ۋاقتىدا يەڭ، ئۇششاق چۈششەك نەرسە يېگەنگە قورساق تويمايدۇ، ئورۇقلايمەن دەپ تاماق يېمەي يۈرمەڭ.
-ئاپا نېمىشقا تۇيۇقسىز ماڭا يوتقان كۆرپە ماڭدۇرسىڭىز كەپ قالدى؟
-جېنىم قىزىم ئاخشام سىز يوللىغان "سىزنى سېغىندىم" دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىر كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى
- ھە ... ھە ، ھېلىقى ئۇچۇر ..
قىزچاق ئاپىسىغا مەن ئۇ ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويغان دېمەكچى بولدىيۇ لېكىن دېيەلمىدى ، پەقەت كېكەچلەپ يۈرۈپ "ئاپا ئەنسىرىمەڭ، مەن ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن " دېگەن گەپلەرنى دېيەلىدى، ۋە تېلېفوننى قۇيۋېتىپلا ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى
بىز ئەزەلدىن ئىشىمىز بولمىسا ئاتا ئانىمىزغا بىرەر تال ئۇچۇر ياكى ئۈندىداردا بىرەر ئېغىز گەپ يوللاپ قويمايمىز، چۈنكى يانچۇقىمىزدا پۇلىمىز بار، پۇل تۈگىگەندە يوللىساقمۇ بولىدۇ.
ئاتا ئانىمىزغا تېلېفون قىلىپ 5 مىنۇتتىن ئوشۇق پاراڭلاشمايمىز ئەمما بەزى بىرلەر بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزۋېتىمىز.
سىزنىڭ "سېنى سېغىندىم" دېگەن بىر ئۇچۇرىڭىزنى كۆرگەندە جاندىن كېچىدىغان لايىقىڭىز بەلكىم ئۇچۇرىڭىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ يەنە باشقا بىرسى بىلەن تانسا ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاتا ئانىڭىزغا شۇنداق ئۇچۇردىن بىرنى يوللاپ قويسىڭىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ، بىر ھەپتىگىچە يوللىغان ئۇچۇرىڭىزنى قوشنا قولۇم دوستلىرىغا تۇغقانلارغا دەپ يۈرۈيدۇ ، مانا بۇنى پەرق دەيمىز.
Tags: