●باش سۈيى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-07-23
ئاۋاتلىقى: 727 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
●باش سۈيى ھەققىدە
①باش سۈيى ھەددىدىن زىيادە ئاز بولۇش. باش سۈيى ھەددىدىن زىيادە ئاز بولۇش سەۋەبىدىن ھامىىلىنىڭ تېرىسى بىلەن بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ قېلىپ، ھەر قېتىم ھامىلە ھەرىكەتلەنگەندە، ھامىلدار ئايال ئاغرىش ھېس قىلىدۇ.
②باش سۈيى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش. باش سۈيى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش، بالىياتقۇنى ھەددىدىن زىيادە چوڭايتىۋىتىپ، ئانىنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىش، يېيىشى قىيىنلىشىش، قۇسۇش، تەرىتى قېتىش، پۇت-قولى ۋە تاشقى جنسىي ئەزانىڭ سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەڭگىگەن ۋاقىتتا ئاسانلا بالىياتقۇ يىغىلىشىنىڭ كۈچسىز بولۇشىنى، ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ھەددىدىن زىيادە ھەرىكەت قىلىپ، ھامىلە ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىك بولغان باش سۈيى كۆپ بولۇشنى داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىدۇ. ئەگەر باش سۈيى تىز سۈرئەتتە كۆپەيسە چوقۇم داۋالىنىش بىلەن بىرگە، ئاش تۇزىنىڭ ئىستېمال قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.