ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىلىم بىزگە ئاش-ناندىنمۇ زۆرۈر(1)

ئىلىم بىزگە ئاش-ناندىنمۇ زۆرۈر(1)

ۋاقتى: 2016-05-21 ئاۋاتلىقى: 679 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىنسانىيەتنى ھازىرقىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن، ئىنسانىيەتنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرغان ۋە ئۇنى بىزگە ئۇلاشتۇرغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ-ئىلىمدۇر. ئىنسانلار ئىلىم ئىگىلەش ئارقىلىقلا غەپلەتتىن قۇتۇلدى، ياۋايىلىق بىلەن خوشلاشتى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنيىتىنى يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. قەدىمكى شان-شۆھرەتلىك ئىمپېرىيىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىلىمىدە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەنلىكنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى ئىدى. مىسىردىكى ھەيۋەتلىك، سىرلىق ئەلئېھراملار، كۆزنى چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى؛ بابىل دۆلىتىدە يارىتلغان شانلىق مەدەنىيەت، پارس زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن ئىلمىي ھايات، ھىندىستاننىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان مەدەنيىتى، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان يۇنان-رىم مەدەنىيىتى؛ قەدىمكى جۇڭگونىڭ شانلىق مەدەنيىتى قاتارلىقلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ پارلاق ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېيىنكى كۈنلەردە بايقالغان ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىندىيانلاردىن مايا، ئىنكا، ئازتىكلار مەدەنىيىتىمۇ ئىنسانلارنىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. مانا بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى مەنبە قىلغان  
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ئىلىمدە يۈكسىلىش، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئاساسىدا بۈگۈنكىدەك شانلىق تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مانا بۇلار ئىلىمنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.
ئۇيغۇرلار قەدىمكى مەدەنىيەتلىك، ئىلىمسۆيەر، مەرىپەتكە ھېرىسمەن خەلقلەرنىڭ بىرى. مانا بۇ پاكىتنى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت روھى يىپەك يولىدا ئۆزگىچە تۈستە راۋاج تېپىپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە ناھايىتى مۇھىم تۆھپە قوشقانىدى. مۆھتەرەم بوۋاي مانا مۇشۇ پاكىتلارنى نەۋرىسى بىلقۇتجانغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان تەشنالىقنى ئويغىتىشنى نىيەت قىلدى.

بۈگۈن بىلقۇتجان مەكتەپتىن ناھايىتى خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدى. ئۇ قانداقتۇر يېڭى مەسىلىگە يولۇقسا ياكى بىرەر يېڭى نەرسىنى بىلىۋالسا مۇشۇنداق خۇشال بولۇپ كېتەتتى. بوۋاي ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قاراپلا، ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى،كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپلا چۇرۇقلاپ سۆزلەپ كېتىدىغانلىقىنى پەملىدى.
ـــــ بوۋا ـ بوۋا....! ـــ دېدى بىلقۇتجان ھاياجان بىلەن، ــــ بۈگۈن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە يەنە يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى!

تەھرىر تەۋسىيەسى:
پەرزەنت تەربىيەلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى(1)(كومپيۇتېر زىيارەتچىسى/تېلېفون زىيارەتچىسى)

بوۋاي ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:
ــ ئېيتقىنا تاتلىق بالام، ئوقۇتقۇچۇڭ زادى نېمىلەرنى سۆزلەپ بەردى؟ـــ دەپ سورىدى.
ـــ ئوقۇتقۇچىمىز خەلقىمىز ئارىسىدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى، ــــــ  دېدى بىلقۇتجان.
- ھە – ھە.... ئوقۇتقۇچۇڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېدى؟ ـــ بوۋاي قىزىقىپ سورىدى.
ــــ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە، ــــــ بىلقۇتجان قىزىقىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ـــــ خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى مەرىپەتلىك خەلق بولغانلىقىنى، قەدىمدىن تارتىپ ناھايىتى مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغانلىقىنى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى ئەسەرلەرنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ـــ يەنە.... يەنىچۇ؟
ـــ يەنە، خەلقىمىزنىڭ ئىلىملىك بولۇش، مەرىپەتنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنىڭ ھەرقانداق قىيىن شارائىتتىمۇ پەسىيىپ قالمىغانلىقىنى، بەلكى شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا جاي-جايلاردا ئىلىم-مەرىپەت گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەردى.
ــــ بۇ ھەقتە ئۇ نېمىلەرنى سۆزلەپ بەردى؟ـــ بوۋاي ئالدىراپ سورىدى.
ــــ بوۋا، مۇئەللىم بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى، ــــ دېدى بىلقۇتجان بوۋىسىغا مەنىلىك قارىغىنىچە،ــــ خەلقىمىزنىڭ 15-ئەسىردىن كېيىن غەپلەت ئۇيقۇسىدا تازا ئۇخلاپتىكەن، تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇخلاپتۇ. ئاخىرىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، پەننىي مائارىپنى بارلىققا كەلتۈرۈپتىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلۇپتىكەن، تاكى شېڭ شىسەي ۋاقتىغىچىلىك جاي-جايلاردا مەرىپەت مەشئەللىرى يېنىپ، خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپنى تەدرىجىي شەكىللىنىشكە باشلاپتىكەن، شۇنداقمۇ؟
ـــــ ھەئە، شۇنداق بولغان.
ــــ ئۇنداقتا، سىز قاچانلاردا ئوقۇغان؟
ـــ بالام، مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئوقۇغان،ـــ بوۋاي خۇددى ئۆتمۈشكە قايتقاندەك نەزىرىنى يىراقلارغا تىككىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى،ــــ ئۇ چاغلاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى راۋاجلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپمۇ خېلىلا يۈكسىلىپ قالغان ئىدى. مەن ئەنە شۇ چاغلاردا ئوقۇغان ئىدىم ۋە كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە مەرىپەت نۇرى چېچىشنى ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىسى قىلغانىدىم. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مەن مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ كەلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى مەن ساڭا تەكرار-تەكرار سۆزلەپ بەرگەنىدىم....
بىلقۇتجان بوۋىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى، ئۇنىڭ ئىلىم تارقىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قانچىلىك زور بەدەل تۆلىگەنلىكىنىمۇ بىلەتتى. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئۇنى يەنە گەپ قىلدۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە تۈگۈن بولۇپ قالغان سوئاللار خېلىلا بار ئىدى.
ـــ بوۋا، ــــــ دېدى بىلقۇتجان مۆھتەرەم بوۋاينىڭ ئېسىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ، ــــــ ماڭا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلىم-مەرىپەت روھى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز، سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم!
ـــ مەنمۇ ساڭا مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم، ــــ بوۋاي بىردىنلا روھلىنىپ كەتتى، ــــ قېنى ۋاقتى كەلسۇن دەپ، كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋەردۇق. سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلاشنى خالامسەن؟
ـــ خالايمەن بوۋا، جان دەپ خالايمەن! ــــ دېدى بىلقۇتجان خۇشاللىقتىن سەكرىۋەتكۈدەك بولۇپ.
مۆھتەرەم بوۋاي گېلىنى قىرىپ قويۇپ:
ــ جان قوزام، قۇلاق سېلىپ ئاڭلا! ـــ دېدى ۋەزمىن ئاھاڭدا،.....
 داۋامى بار....

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى