چوڭلار تالىشىدىغان بالىلار ئوزۇقى-ياڭاق شەربىتى
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 557 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: تۆت ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: ياڭاق مېغىزىدىن 100 گرام، ئاق شېكەردىن 30 گرام، سۈزۈك سۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ياڭاق مېغىزىنى ئىلمان سۇغا 5~6 مىنۇت چىلاپ قويۇپ، پوستىنى ئاجرىتىمىز.
2. كۆپ ئىقتىدارلىق يېمەكلىك پىششىقلاش ماشىنىسىدا ياڭاقنى سوقۇپ، شەربەت تەييارلايمىز ( ھاۋانچىدا ئازراق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سوقساقمۇ بولىدۇ). پاكىز داكا بىلەن سۈزۈپ، ياڭاق شىرنىسىنى ئايرىۋالىمىز.
3. ياڭاق شىرنىسىنى قازانغا قۇيۇپ، ئۈستىگە سۈزۈك سۇ ياكى سۈت قۇيىمىز، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىمىز، ئاخىرىدا ئۇنى قاچىغا ئېلىپ بىردەم تۇرغۇزۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى پاكىز ئېلىۋېتىش، يۇمشاق سوقۇش كېرەك. ياڭاق مېغىزىدا مول بولغان ياغ شۇنداقلا ئاقسىل، يىرىك تالا، كاروتىن، ۋېتامىن B1، ۋېتامىن B2، تۆمۈر، ۋېتامىن E قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكى. بوۋاققا بۇ خىل شەربەتنى ئىچكۈزگەندە، كراخمال ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى بار.