ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا دادا بولغۇچىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-10-07
ئاۋاتلىقى: 702 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا دادا بولغۇچىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىدىن خۇلاسە
بوۋاق تۇغۇلۇشقا ئاز قالغاندا، بوۋاقنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نىسبەتەن دادا بولغۇچى چوقۇم ھەيرانلىققا چۆمىدۇ. شۇڭا، بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۈچ كىشىلىك ئائىلىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەتىراپىدىكى ئاتا ـ ئانىلار بىلەن سۆزلىشىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، بولۇپمۇ ئىككى ئاي ئىچىدە سىز يولۇقىدىغان، ياردەمگە موھتاج بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ، ئۇنىڭغا جاۋاپ ئىزدىگەچ تۇرىشى لازىم.
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ ــــــ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى بىلىملەر
ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدارنىڭ قورساق قىسمى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، بەدەن شەكلى ۋە ئېغىرلىقىدىكى ئۆزگىرىش ئېنىق بولىدۇ، بەدىنى ئېغىر، بەل دۈمبە ئاغرىيدۇ، جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەيدۇ. بالىياتقۇنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەرقاندق يېنىك تەسىر بولسىمۇ بالىياتقۇ تارىيىۋېلىپ، بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى توشمايلا تۇغۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، جىنسىي يول ئېغىزى ئېچىلىپ، باكتېرىيېلىك يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، ھامىلە پەردىسىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى، ۋاقتى توشماي تۇغۇپ قويۇش، بالىياتقۇ ئىچى يۇقۇملىنىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە: ئانا بالىنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، جىنسىي مۇناسىۋەتنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. ئەر ـ ئاياللار سۆيۈشۈش ياكى قۇچاقلىشىش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسىمۇ، ھېسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
خۇلاسە: ھامىلە ئون ئايلىق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟ بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بولغاچقا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھامىلە تۇغۇش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا، جىنسىي مۇناسىۋەتنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.