جىنسىي ھەۋەس ۋە ئائىلە قۇرۇش
ۋاقتى: 2016-07-01
ئاۋاتلىقى: 889 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىسلام دىنى ئۆيلىنىش ئىشىنى ياشلارنى بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلاش ۋە جەمئىيەتنى يامان ئاقىۋەتلەردىن قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قالقان دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇ ياشلارنى بۇرۇنراق ئۆيلىنىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئەي ياشلار گۇروھى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، ھەقىقەتەن، ئۆيلىنىش كۆزنى نا مەھرەملەرگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ قاراشتىن ۋە ئۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن، ھەقىقەتەن روزا تۇتۇش ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئۆزايتىدۇ“ [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۆيلىنىشكە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قۇدرىتى يېتىدىغان ياشلار ئۆيلەنسۇن. چۈنكى، ئۆيلىنىش كىشىنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىنى تاماملايدۇ، كۆڭلىنى راھەتلەندۇرىدۇ، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا شەرت-شارائىتى ھازىر بولمىغانلار روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا جىنسىي ھەۋەسنى پەسەيتىدۇ ۋە ھارام ئىشلارغا يۈزلىنىشتىن توسىدۇ دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدە، ياشلارغا خىتاب قىلىشىدىكى سىر شۇكى، ياشلاردىكى جىنسىي قۇۋۋەت كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھەۋەس ئۇلارنى ئۆيلىنىشكە بەكمۇ ھاجەتمەن قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۇشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان دىنىي ۋە ئەخلاقي زىيانلار باشقىسىغا نىسبەتەن چوڭ ۋە ئېغىر بولىدۇ. ئەمما ئائىلە قۇرغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ.
ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئورتاقلاشقان، ھەتتا نورمال ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان، زىنا-پاھىشە، ئاتىسىز بالىلارنى كوچىلارغا تاشلىۋېتىش قاتارلىق بۇزۇقچىلىقلارنىڭ باش سەۋەبى ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، كىرالىق ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكىدىندۇر. ئامېرىكىلىق يازغۇچى دوكتور كېنسى ”ئايال كىشى ۋە مۇھەببەت“ ناملىق ئەسىرىدە ئامېرىكا جەمئىيتىدىكى جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە ئومۇملاشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئامېرىكىدا بىر يىل ئىچىدە 100.000 قىز ئەرلەر تەرپىدىن ئالدىنىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنى بۇزۇپ قويغانلىق سەۋەبلىك، شۇ پاھىشە يولى ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈشكە ئۇتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىق قىزلار بۇرۇن 17 بىلەن 20 ياشلار ئارىسىدا ئايال كىشىگە ئايلانغان بولسا، ھازىر ئۇلار 13 ياشتىلا ئايال كىشى بولۇپ قالماقتا. ئامېرىكىدا بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 130.000 بالا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق، ئاتىسىز تۇغۇلىدۇ.(مىسىرنىڭ ” نىدا“ گېزىتى 1953 ـ يىل 29 ـ ئاۋغۇسىت سانىدىن) مەزكۇر يازغۇچى يەنە كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: ”مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە، قانۇنسىز پاھىشە يولى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلار 0 %. چۈنكى، ئۇلار كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنىغا ئەگىشىدۇ. مىسىر غەربنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە ئەڭ كۆپ يۇقتۇرغان بىر دۆلەت تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئاتىسىز ھالدا، پاھىشە يولى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلار 1 % دىن ئۆز ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا ھازىر قانۇنسىز يول بىلەن تۇغۇلۇۋاتقان بالىلار 75 % نى تەشكىل قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، پانامادا ھەر 4 بالىنىڭ ئۈچى پاھىشە ئارقىلىق تۇغۇلماقتا.“ (يۇقىرىقى مەنبەدىن)
مەنبە: "ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى" ناملىق ئەپتىن ئېلىندى