ھامىلىدار بولغىنىغا 23 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-12-05
ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ چوڭىيىپ كىندىكتىن 3.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 23 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تەخمىنەن 7 كىلوگرام ئاشىدۇ. سىز بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىزنى كەرگەن ۋاقىتتا روشەن ئاغرىقنى سېزىسىز. قورسىقىڭىز پولتىيىپ چىققاچقا سىز ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن ئاشقازان ئېچىشىپ ئاغرىش يەنە سىزنى بىئارام قىلىشقا باشلايدۇ. بىر قېتىمدا زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىڭ، تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشكە ئادەتلىنىڭ، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا مېڭىپ بەرگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.
بەدەن ئىششىپ كەتكەندە ناترىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى ناترىي بەدىنڭىزدە ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا قورساق، پۇت، كۆكرەك، دۈمبە قاتارلىقلار قاتتىق قىچىشىش، ياكى قىچىشىش بىلەن سېرىقلىق بىرگە مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم، بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىشى‹肝内胆汁淤积›دىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
Tags: