ھامىلىدار ئايالنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
يانفوندا كۆرۈش
سىزدە پەي تارتىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى بىر قاتار ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پەي تارتىشىشنىڭ ئالدىنى
ئېلىڭ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشتىن ۋە پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ.
كۈندۈزدە كىچك پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىنى سوزۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىڭ، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر نەچچە قېتىم ئىشلىۋېتىڭ.
ئولتۇرغاندا، تاماق يېگەندە، تېلېۋېزور كۆرگەندە، پۇتنىڭ ھوشۇق ۋە بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ.
ئەگەر دوختۇر ھەرىكەت قىلماڭ دېمىگەنلا بولسا، ھەر كۈنى سەيلە قىلىپ بېرىڭ.
بەك ھېرىپ-چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. سول تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا، پۇت تەرەپتىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
كۈندۈزى چاينى كۆپ ئىچىپ، بەدىنىڭىزدىكى سۇ مىقدارىنى تولۇقلاڭ.
ئۇخلاش ئالدىدا، ئىللىق سۇدا بىر يۇيىنىۋالسىڭىز، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىغا پايدىلىق.
بىر قىسىم پاكىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە
ۋىتامىن تولۇقلاش بىلەن بىللە كالىتسىي، ماگنىي قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇپ تولۇقلىغاندا، ھامىلىدار ئاياللاردا بولىدىغان پەي تارتىشىشتەك ئالامەتلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بىراق، ئاۋال دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر قانداق تولۇقلاش دورىسىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش لازىم.