قويۇق بەرەڭگە شورپىسى
ۋاقتى: 2015-08-31
ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: سەككىز ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بىر تال بەرەڭگە، سەۋزە يېرىم تال، پىشلاقتىن بىر قاپ، بىر تال پەمىدۇر
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) بەرەڭگە ۋە سەۋزىنى كىچىك كۇب شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
2) قازانغا بىر ئىستاكان سۇ، بىر قوشۇق پىشلاق ۋە كىچىك كۇب شەكىلدە توغرالغان بەرەڭگە بىلەن سەۋزىنى سېلىپ، ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
3) ئوتنى ئۆچۈرۈپ، قازاندىكى شورپىنى چوكا بىلەن تاكى قويۇق بولغۇچە ئېلەشتۈرىمىز.
4) قويۇق شورپىنى قاچىغا ئېلىپ، تېرىسى ئېلىۋېتىلىپ، ئۇششاق توغرالغان پەمىدۇرنى ئۈستىگە چاچىمىز.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: پەمىدۇر، ئاشكۆكى يوپۇرمىقى، كەرەپشە يوپۇرمىقى بىلەن قويۇق شورپىنىڭ ئۈستىنى بېزىسە بولىدۇ. تاللا بازارلىرىدا بوۋاقنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغان، كىچىك قاپ بىلەن ئورالغان پىشلاقلار بار، ئۇنىڭدىن بىر قاپ ئىشلەتسىلا بولىدۇ.
Tags: