ھەيز توختاش ۋە جىنسىي ئىقتىدار
ۋاقتى: 2016-06-08
ئاۋاتلىقى: 745 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ھەيز توختاش دەۋرىگە قەدەم قويغاندا جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتىن ئارقىغا چېكىنسىمۇ، ئەمما بۇ چېكىنىش بەكمۇ ئاستا بولىدۇ. جىنسىي ئىقتىدار ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. ھەيز توختىغاندىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئەمما بۆرەك ئۈستى بېزى بىلەن تۇخۇمدان تەمىنلىگەن ئازغىنە جىنسىي ھورمۇن يەنىلا ئىشتىياقنى قوزغاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھەيزنىڭ توختىشى ئىشتىياقنىڭ توختىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.