ھامىلىدار بولغىنىغا 22 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 22-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەپتىسىگە 250 گراملىق سۈرئەت بىلەن ئېشىشقا باشلايدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئورنىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆپكىنى تېخىمۇ باسىدۇ، بارغانسېرى يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ ۋە ئېشىۋاتقان بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار ئانىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھامىلىدارلىق ھورمۇنى پۇت ۋە قوللارنىڭ بوغۇملىرىنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىدار ئايالنىڭ كىندىكى ئەمدى ئولتۇرۇشقان ھالەتتە بولماسلىقى، تەكشى ھالەتتە ۋە ياكى كۆپۈپ چىققان ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم سىز باشقىلارنىڭ: «ھامىلىدار ئانىنىڭ كىندىكى كۆپۈپ چىققان بولسا قورساقتىكى ھامىلە ئوغۇل بولۇشى مۇمكىن». دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئېغىر دەرىجىدىكى ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىدىن باشقا سىز يەنە تېرىڭىزدىكى ئۆمۈچۈكسىمان قان-تومۇر ئۆسمىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئادەتتە يۈز، بويۇن، كۆكرەكنىڭ يۇقىرى قىسمى، بىلەك قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدىغان يېنىك دەرىجىدە قىزىرىپ كۆپۈپ چىققان ئۇششاق شاخچىسىمان بۆلەكلىرى بولغان تېرە ئۆزگىرىشى بولۇپ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىن تەبئىيلا يوقاپ كېتىدۇ.