قىيمىلىق پالەك-بەرەڭگە شوۋىگۈرۈچى
ۋاقتى: 2016-11-06
ئاۋاتلىقى: 918 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: 6~8 ئايلىق بوۋاقلار
خۇرۇچلار: قويۇق شوۋىگۈرۈچ، پالەك، بەرەڭگە، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قىيما گۆش، مۇۋاپىق مىقداردا قۇرۇق شورپا، چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) پالەكنى پاكىز يۇيۇپ، قايناقسۇغا بېسىپ، كىچىك توغرايمىز. بەرەڭگنىنى سۇدا پىشۇرۇپ، يۇمشىغاندىن كېيىن ئېزىپ، لاي ھالەتكە ئەكىلىمىز.
قويۇق شوۋىگۈرۈچ، قىيما گۆش، پالەك، بەرەڭگە ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى قۇرۇق شورپىنى قازانغا قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ پەس ئوتتا قاينىتىمىز، ئاخىرىدا چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك مېيى ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ، ئالساقلا بولىدۇ.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
ئالما ئىرىمچىكى(8~12 ئايلىق بوۋاقلار ئۈچۈن)