ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىگە قەدەم قويدۇم، ئۇخلىساممۇ ياخشى ئارام ئالالمايمەن، نەرسە يېسەممۇ سىڭمەيدۇ، كۆڭلۈم بەك يېرىم؟
ۋاقتى: 2015-09-22
ئاۋاتلىقى: 678 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇ خىل ئالامەتلەر 6-ھەپتىدىن باشلىنىپ 12-ھەپتىگە بارغاندا ئاساسەن تۈگەيدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار بىر قەدەر سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. سىز ئامال بار دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراپ بېقىڭ. مۇبادا ياندۇرۇشىڭىز بەك ئېغىر بولسا، يېڭى زەنچىۋىل سىقما سۈيىگە ئازراق ئاق شىكەر (قارا شىكەر بولمايدۇ) قوشۇپ، ئازراق قايناقسۇ قوشۇپ، ئاستا-ئاستا ئىچىۋېتىڭ، كۆڭۈل ئېلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن كەيپىياتىڭىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلاڭ.