بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ
ۋاقتى: 2013-05-27
ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مېڭىنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بوۋاق يېڭى تۇغۇلغاندا باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 33.7–34.3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، 1-يىلى باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشى تېز بولىدۇ.
يەنە 11-12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. بىر ياشقا توشقاندا يەنە ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. 2-يىلى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىدۇ. كېيىن 15 ياشقا كىرگۈچە پەقەت 4–5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا چوڭىيىپ، چوڭ ئادەملەرنىڭ باش ئايلانمىسى بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر، بىر ياشتا 46 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئىككى ياشتا تەخمىنەن 48 سانتىمېتىر، 15–16 ياشتا تەخمىنەن 55 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلار باش ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ. ئەگەر بەلگىلىك ياش دائىرىسىدە باش ئايلانمىسى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا بۇنىڭغا چوڭقۇم ئېتىبار بىلەن قاراپ دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.