ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىشتىكى ئۈنۈم ئۇسۇللار

ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىشتىكى ئۈنۈم ئۇسۇللار

ۋاقتى: 2015-05-05 ئاۋاتلىقى: 573 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قۇچاقلاش ئۇسۇلى:  كىچىك بىلەكنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن بالىنىڭ بېشىنى تىرەپ، بالىنىڭ قورسىىقىنى بەدەنگە چىڭ چاپلاپ تۇرۇش، يەنە بىر قول بىلەن ئەمچەكنى تىرەپ تۇرۇش. ئەمچەكنىڭ ئېچىلىپ تۇرغان قىسمى ناھايتى كىچىك بولغاچقا  قولى بىلەن تېرەپ تۇرسا ئېمتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: دائىم قوللىنىلىدىغان ھەم ئاسان ئىگىلىگىلى بولىدىغان ئۇسۇل ، كۆپ ساندىكى ئانىلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ.
گىرەلىشىپ قۇچاقلاش ئۇسۇلى: گىرەلىشىپ قۇچاقلاش ئۇسۇلى ئالدىدىكى قۇچاقلىغان ئورۇن ئالدىدىكى قۇچاقلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش، بىراق بۇ قېتىم قارشى تەرەپتىكى بىلەكنى  ئىشلىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا قول بىلەن بالىنىڭ بېشىنى، ئالدى بىلەك بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ بېشىنى ۋە بەدىنىنى تېخىمۇ  ياخشى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. 

ئارتۇقچىلىقى: قولى بىلەن بالىنىڭ گەۋدە قىسمىنى تىرەپ تۇرغاندا ئالدى بىلەك بىلەن تىرىگەنگە قارىغاندا بالىنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. ئاي كۈنى توشماي تۇغۇلغان بالىلار ۋە كۆكسىنى چىڭقىلىشى ياخشى بولمىغان بوۋاقنى ئېمىتكەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
پۇتبولنى قۇچاقلاش ئۇسۇلى: بوۋاققا بەدەننىڭ بىر تەرىپىنى قۇچاقلاتقۇزۇپ، ئالدى  بىلەك بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تىرەپ، بويۇن ۋە بېشىنى قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تىرەپ تۇرۇش. ئەگەر ئەمدىلا قورساقنى يېرىپ تۇغۇش ئوپېراتسىيەسى قىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھالەت ناھايتى مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا يارا ئېغىزىغا بولغان بېسىمى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: بوۋاقنىڭ ئەمچەك بېشىنى چىشلىگەنلىكىنى كۈزىتىشكە قولايلىق.  يارا ئېغىزىدىن يىراق جايدا بالىنى  قۇچاقلىغاچقا قورساقىنى يېرىپ بالىنى ئالغان ئانىلارغا نىسبەتەن بىرقەدەر مۇۋاپىق. كۆكسى چوڭ ئاياللارغا نىسبەتەن بىر قەدەر مۇۋاپىق، چۈنكى بالىنىڭ مەيدە قىسمى ئانىنىڭ كۆكسىنى تىرەپ تۇرىدۇ. كۆكسى تولغان ۋاقىتتا بۇ خىل ھالاتتە ئېمىتكەندە كۆكسىنىڭ ھالىتىنى تۈزىتىشكە پايدىلىق.
يانچە يېتىپ قۇچاقلاش ئۇسۇلى: كارىۋاتتا يانچە يېتىپ، بوۋاقنىڭ يۈزىنى ئۆزى تەرەپكە قارىتىپ، بوۋاقنىڭ بېشى بىلەكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بوۋاقنىڭ ئېغىزى بىلەن ئەمچەك توپچىسىنىڭ بىر تەكشىلىكتە ساقلاش، ياستۇق بىلەن دۈمبە قىسمىنى تىرەپ قويۇش. ئەگەر قورساقنى يېرىپ بالىنى ئالغان بولسا بۇمۇ ناھايتى ياخشى ئېمىتىش ھالىتى ھېسابلىنىدۇ.
  ئارتۇقچىلىقى: ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئارام ئېلىشقا قولايلىق، چات ئارىلىقى كېسىلگەن، ياكى قاتتىق ئاغرىغان ياكى بوۋاسىر بولۇپ قاتتىق ئاغرىغان ئانىلار ئۈچۈن بۇ خىل ھالەت ئەڭ مۇۋاپىق. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى