ھامىلىدارلىقنىڭ-37 ھەپتىسىدىكى ئاتا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ۋاقتى: 2016-08-06
ئاۋاتلىقى: 626 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ-37ھەپتىسىگە كەلگەندە، ھامىلىدار ئاياللار ھەر قانداق بىر دەقىقىدە يەڭگىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا يولدىشى ماشىنىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئايالىنىڭ باش سۈيى يېرىلىپ كېتىپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش زۆرۈر بولغان چاغدا كاشىلا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا، جىددىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەڭ قىسقا يولنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆيىڭىزدىن دوختۇرخانىغا بارىدىغان ئەڭ قولايلىق يولنى قايتا-قايتا ئەسلەڭ، گەرچە بۇ سىز ئۈچۈن ھېچقانچە تەس ئىش بولمىسىمۇ.