دادا بولۇش ئالدىدىكىلەرنىڭ سومكىسى
ۋاقتى: 2016-03-15
ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئايالىنىڭ كۆزى يورۇش ئالدىدا،تۇغۇلغۇسى بوۋاقنىڭ دادىسى تەييارلانغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ. جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۇ چوقۇم ئۆزى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش زۆرۈر.
ئاددىي يۇيۇش بويۇملىرى ــــ تۇنجى تۇغۇت جەريانى ئادەتتە بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، كېچىلەپ ساقلاش نورمال ئەھۋال. سىز چاچلىرىڭىز پاخپايغان، ساقاللىرىڭىز ئۆسۈپ كەتكەن ھالەتتە بوۋىقىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟ تۇنجى تەسىرگە دىققەت قىلىڭ جۇمۇ!
ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەرمەك بويۇم ـــــ ئايالىڭىزنى مىڭ تەسلىكتە تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپمۇ ئازادىلىك ھېس قىلالمايسىزغۇ دەيمەن؟ بۇ ۋاقىتتا بىر سائەتمۇ بىر يىلدەك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز كىتاب، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۇنچە تەس بىلىنمەيدۇ.
رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتى ياكى سىنئالغۇ ـــــ ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇت ئۆيىدىن چىققانلىقى، ئوماق قوزىڭىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىدەك ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى خاتىرە قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن باتارىيىسى تولۇق بولغان رەسىم ئاپپاراتى ياكى سىنئالغۇ كەم بولسا بولماس؟!
تېلىفون نومۇرى ــــــ ئايالىڭىز ۋە بوۋىقىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلىڭىز جايىغا چۈشۈپ، ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-يارەنلىرىڭىزگە تېلىفون قىلىشقا ئالدىرايسىزغۇ دەيمەن؟ بىراق خۇشاللىقىڭىزدا ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ نومۇرىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز نورمال ئەھۋال. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى لازىملىق تېلىفون نومۇرلىرىنى ئالدىن ئوبدان تەييارلىۋېلىڭ.
تەۋسىيە يازمىلار:
http://www.anabala.com/index.php?m=view&id=112
Tags: