بوۋاق يۆتىلىنىڭ ئالامەتلىرى
ۋاقتى: 2014-04-14
ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاق يۆتىلىنىڭ ئالامەتلىرى
سوغۇق يۆتەل : يۆتىلىش ،گال قىچىشىش ،بەلغەم سۇيۇقلىشىش ،بۇرنى ئېتىلىش ياكى سۇ ئېقىش ،تىلى گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ ،بۇنىڭدا ئۆپكىدىكى سوغۇقنى ھەيدەش ئارقىلىق يۆتەلنى توختىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقراق .
قۇرۇق ئىسسىق يۆتەل : يۆتىلىش ،يېپىشقاق سېرىق بەلغەم كېلىش ،دۇغسىمان پوتلا ئېقىش ،يۇقتۇنچاق قىزىرىپ ئېغىز قۇرۇش ۋە تىلنى سېرىق ،قىزىل گەز باغلاش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .بۇنى ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى ھەيدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياللۇغنى قايتۇرۇپ يۆتەلنى توختىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىقراق .
ماغدۇرسىز يۆتەل: يۆتىلىش ئۇزۇنغىچە ياخشىلانمىسا يۆتەلگىدەك جانمۇ قالمايدۇ ،بەلغەم سۈزۈكلىشىدۇ ،چىراي ئاقىرىپ كۆپ تەرلەش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .تالنى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆپكىدىلكى يۆتەلنىڭ توختىشىغا ياردەم بەرسەك بولىدۇ .
ئىسسىق يۆتەل: يۆتەلسە بەلغەم كۆپىيىش ،سۈزۈك بەلغەم كېلىش ،ئەتتىگەن-كەچتە يۆتەل ئەزۋەيلەش ،كۆپىنچە يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ،شۆلگەي ئېقىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ .ھۆل ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئارقىلىق بەلغەمنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ .
تېرمال يۆتەل: يۆتىلىش ،سېرىق بەلغەم كېلىش ،ئېغىز قۇرۇش ،كالپۇك قىزىرىش ،سۈيدۈك سارغىيىش ،تەرەت قېتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ .ئىسسىقنى ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەلغەمنى توختاتساق بولىدۇ .