3 ياشلىق 7-9ئايغىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى
ۋاقتى: 2015-11-25
ئاۋاتلىقى: 742 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دىققەت كۈچى دائىرىسى كېڭىيىدۇ
دىققەت كۈچى دائىرىسى كېڭىيىدۇ، ئاستا-ئاستا ئەتراپتىكى يەنىمۇ كۆپ ئادەم ۋە ئىشلارغا دىققەت قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان ئاڭسىز دىققەت ئاستا-ئاستا ئاڭلىق دىققەتكە ئۆزگىرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسى، مۇئەللىمى كۆرسەتمە قىلغان تەلەپ ۋە ئىشلارغا ئاساسەن ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە دىققەت قىلىدۇ ۋە كۆزىتەلەيدىغان بولىدۇ.
ئابستراكت ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدۇ
دىققەت كۈچىگە ئوخشاش، بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىمۇ ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىدۇ. ئەتراپتىكى يەنىمۇ كۆپلىگەن ئىشلارنى، شەيئىلەرنى ئەستە ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئابستراكت ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، مەسىلەن: ئانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى، ئائىلە ئادېرىسى، يەسلىنىڭ ئادېرىسى دېگەندەك.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
3ياشلىق 1-3ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش خۇلاسىسى
بوۋاقنىڭ پۇت-قول ھەرىكىتىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى ھەققىدە
ئانچە-مۇنچە يالغان سۆزلەش
بالىڭىز بەلكىم تامغا رەسىملەرنى، خەتلەرنى يازمىغانلىقىنى سىزگە دېيىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ قەستەن يالغان سۆزلەۋاتقان ئەمەس بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز چېچىلماڭ، ئاچچىقلانماڭ، ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى راستچىللىق بىلەن سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ، ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەشنىڭ ئۆزى قىلغان ھەرقانداق ئىشتىن يامان ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ. بالىڭىزغا ھەقىقەتنىڭ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ئېيتىڭ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يالغان سۆزلەش ئادىتىنى كىچىك ۋاقتىدا، بىخ ھالىتىدىلا يوقۇتۇۋەتكىلى بولىدۇ.
ھېسسيات، كەيپىياتى مۇقىم بولمايدۇ.
بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىدا ھېچقانداق ساختىلىق، گەپ يوشۇرۇش بولمايدۇ، ساپ ھەم ھەقىقىي بولىدۇ. كىمنى ياخشى كۆرسە، شۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلىدۇ، ئامراقلىق قىلىدۇ. ئەكسىچە كىمنى ياخشى كۆرمىسە، گەرچە سىز ئۇنىڭ ئالدىدا بولسىڭىزمۇ سىزگە ئامراقلىقى كەلمەيدۇ. بەلكى بالىڭىزنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن مۇقىم ئەمەس، ئىنتايىن ئاسانلا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ، ئادەملەرنىڭ، ئەتراپتىكى كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.