3 ياشلىق بالىنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشى
ۋاقتى: 2016-06-20
ئاۋاتلىقى: 649 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەرىكەت يېتىلىشى: بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى كونترول قىلالايدۇ، سەكرەش، توپ تېپىش، توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتۈش، S شەكلىدە مېڭىش قاتارلىقلارنى قىلالايدۇ. قايچا، قوشۇق، چوكا قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلەيدۇ، قەغەز قاتلىيالايدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتى: بالىلار 3 ياشقا كىرگەن چاغدا كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.5 كە يېتىدۇ، يەنى چوڭلارنىڭ كۆرۈش نازۇكلۇقى دەرىجىسىگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىملىق كۆرۈش قۇۋۋىتى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەك، دۆلىتىمىزدە بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %3. بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بايقىيالمايدۇ. 3 ياش ۋاقتىدىلا بايقىلىپ 4 ياشتىن بۇرۇن داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، 5-6 ياش ۋاقتىدىمۇ داۋالاشقا بولىدۇ، بىراق 12 ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن بولمايدۇ.
چىشى: دوختۇرلار بالىنىڭ چىشنى قۇرت يېگەن-يېمىگەنلىكىنى، چىش مېلىكىدە ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ.