ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

ۋاقتى: 2015-11-05 ئاۋاتلىقى: 672 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن 100 تەكلىپى
مائارىپ جەھەتتە 
1. كۈندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
2. ئۆي ئىچىدىمۇ بالىڭىز بىلەن مەدەنىي سۆزلەر بىلەن پاراڭلىشىڭ، مەسىلەن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، مەرھەمەت، رەھمەت، خەيرلىك كەچ دېگەندەك. 
3. بالىڭىزدا چوقۇم تازىلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈڭ.
4. بالىڭىزنىڭ گېپىنى كۆپرەك ئاڭلاپ تۇرۇڭ، سەۋرچانلىق بىلەن، مېھرىڭىز بىلەن، خوشاللىق بىلەن ئاڭلاڭ. 
5. بالىڭىزنى ئەسكەرتىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ يارىسىنى تاتىلىماڭ. 
 
6. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزسە كەسكىنلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىڭ.
7. بالىڭىز ئالدىدا دائىم جىددىي تۈسكە كىرىۋالماڭ، دائىم بالىڭىز بىلەن بىللە كۈلۈڭ، چۈنكى كۈلكە ئاۋازى بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، بالىنى شەيئىلەرگە تېخىمۇ ئاكتىپ، ئەركىن ۋە خوشاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. 
8. بالىڭىزغا دائىم سەۋرچانلىق بىلەن ھېكايە سۆزلەپ بېرىڭ، ھېكايىنىڭ چوقۇم مەلۇم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسۇن. 
9. ئۆزىڭىز ئەينى يىللاردا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلىرىڭىزنى بالىڭىزغا يۈكلەپ ئۇنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەلەپ قىلماڭ. 
 بالىغا كۆيۈنۈش كېرەك، لېكىن بەزىدە بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنقىدلەشمۇ زۆرۈر، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى