ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسى نېمە يېيىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكتە چوقۇم ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق بولۇشى تەكىتلىنىشى كېرەك. مۇۋاپىق تەڭشەش، ئوزۇقلۇق ناچار ياكى زىيادە بولۇشتىن ساقلىنىش. گەرچە ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ئۇرۇق ۋە تۇخۇم تېخى رەسمىي بىرىكمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك
ھامىلىدار بولغۇچى چوقۇم قەنت ماددىسى ۋە ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، قەنت تىپىدىكىلەر ھەر كۈنى 150 گىرامدىن يۇقىرى، ئاقسىل ھەر كۈنى 40 گىرام بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئانئورگانىك تۇز، كالتسىي ۋە ۋىتامىننىڭ تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۆلچەملىك ئوزۇقلىنىش: ھەر كۈنى 250-500 گىرام سۈت، 2 دانە تۇخۇم، ئورۇق گۆش 150-200 گىرام، سەي-كۆكتات 250-500 گىرام، مېۋە 2 تال، دانلىق زىرائەت 500 گىرام، پۇرچاق مەھسۇلاتى، بېلىق، جىگەر قاتارلىقلارنى ھەر ھەپتىدە 3 قېتىم ئەتراپىدا ئىشلىتىش كېرەك.