بوۋاقلار ئۆمىلەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمىسىمۇ بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-02
ئاۋاتلىقى: 686 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر بوۋاق 10ئايلىق بولغان بولسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئۆمىلەش، تۇرۇش ۋە مېڭىشقا قارىغاندا كۆپ ياخشى. چۈنكى ئۆمىلىگەندە بوۋاقنىڭ بېغىش، مۈرە، قورساق، بەل قىسىملىرى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ، تۇرۇش ۋە مېڭىش ئۈچۈن ئاساس ھازىرلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆمىلىگەندە بوۋاقنىڭ بارماقلىرى ئېچىلىپ يەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ۋاستىلىك ھالدا چوڭ مېڭە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ باسقۇچقا سەل قارىماسلىق كېرەك.
Tags: