سەنئەت تەربىيەسى
ۋاقتى: 2016-05-31
ئاۋاتلىقى: 731 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سەنئەت تەربىيەسى
بۇرۇن كىشىلار ھامىلدار بولسا ئامانلىقنى، ساغلاملىقنى تىلەيتتى، ئەمما كىشىلەرنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە دەۋر رىقابىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىڭدۈرگەن ئەجرى كۆپەيمەكتە، ھامىلە تەربىيەسىدىن پايدىلىنىپ بالىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنى بىر قەدەم بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئەقلىي قابىلىيىتى، ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى، ھېسسىيلىقى قاتارلىق تونۇش بولغان قابىلىيەتنىڭ مەۋجۇت شارائىتتا، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىسلەر گۈزەللىكنى يېڭى دەۋردە كىشى ۋە كارخانا ھازىرلاشقا تېگىشلىك رىقابەت كۈچى دەپ تەرىپلەشتى! يەنى، رىقابەت دەۋرىدە يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن گۈزەللىك بولمىسا بولمايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، جەمىيەتنىڭ رىقابىتىنى دېمەي تۇرساقمۇ، سەنئەتنىڭ كىشىنىڭ ساپا ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىشقا چوڭ پايدىسى بار. ئاددىي بولغان تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققاندىن كېيىن، سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش ياكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ، كىشىگە بەخت تۇيغىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. سوئال: كىم بوۋىقىنىڭ بەختنى ئاسان ھېس قىلالايدىغان بولۇشىنى خالىمايدۇ؟